سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:29

قُلْ أَمَرَ رَبِّي بِالْقِسْطِ ۖ وَأَقِيمُوا وُجُوهَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۚ كَمَا بَدَأَكُمْ تَعُودُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ھەربىر سەجدە قىلغاندا پۈتۈنلەي اﷲ قا يۈزلىنىڭلار، اﷲ قا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر اﷲ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا (ئەسلىگە) قايتىسىلەر»

تەپسىر

ئەي مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادالەتكە بۇيرۇدى، ھېچقاچان گۇناھ-مەئسىيەتكە بۇيرۇغىنى يوق، ئۇ پۈتۈن ئىبادەتلەرنى ئۆزىگە خالىس قىلىشىڭلارنى، بولۇپمۇ مەسجىدلەردە ئىتائەتنى پەقەت ئۇنىڭغىلا قىلغان ھالدا ئىخلاسمەنلىك بىلەن دۇئا قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى. ئۇ سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغىنىدەك يەنە بىر قېتىم قايتا تىرگۈزەلەيدۇ. سىلەرنى دەسلەپتە يارىتىشقا قادىر بولغان زات قايتا يارىتىشقا ۋە تىرگۈزۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ