سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:28

وَإِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً قَالُوا وَجَدْنَا عَلَيْهَا آبَاءَنَا وَاللَّهُ أَمَرَنَا بِهَا ۗ قُلْ إِنَّ اللَّهَ لَا يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاءِ ۖ أَتَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) بىرەر يامان ئىشنى قىلغان چاغلىرىرىدا: ‹‹ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق، اﷲ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان›› دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيىتقىنكى، ‹‹اﷲ (بەندىلىرىنى) ھەقىقەتەن يامان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، ئۆزلىرىڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى اﷲ نامىدىن يالغان ئېيتامسىلەر؟ ››

تەپسىر

مۇشرىكلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، بەيتۇللاھنى يالىڭاچ تاۋاپ قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان قاتتىق يامان بىرەر ئىشنى قىلغان چاغدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى بىلىدىغانلىقلىرىنى، ئاللاھنىڭمۇ ئۆزلىرىنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى باھانە قىلىشىدۇ. ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھېچقاچان گۇناھ-مەئسىيەتكە بۇيرۇمايدىغان، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن توسىدىغان تۇرسا، سىلەر قانداقسىگە بۇنى ئۇنىڭغا چاپلايسىلەر؟ ئەي مۇشرىكلار! ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى ئاللاھقا يالغاندىن بوھتان چاپلامسىلەر؟

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ