سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:27

يَا بَنِي آدَمَ لَا يَفْتِنَنَّكُمُ الشَّيْطَانُ كَمَا أَخْرَجَ أَبَوَيْكُمْ مِنَ الْجَنَّةِ يَنْزِعُ عَنْهُمَا لِبَاسَهُمَا لِيُرِيَهُمَا سَوْآتِهِمَا ۗ إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لَا تَرَوْنَهُمْ ۗ إِنَّا جَعَلْنَا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ

ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا - ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق

تەپسىر

ئەي ئادەم بالىلىرى! شەيتان ئەۋرەتنى ياپىدىغان ماددىي لىباسنى ياكى تەقۋادارلىق لىباسىنى تاشلاتقۇزۇش ئارقىلىق گۇناھ-مەئسىيەتنى چىرايلىق كۆرسىتىپ سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن. ئۇ ئاتا-ئاناڭلارنىمۇ چەكلەنگەن دەرەختىن يېيىشنى چىرايلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئالدىغان ھەتتا بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۇ ئىككىسىنىڭ جەننەتتىن چىقىرىلىشى ۋە ئەۋرەتلىرىنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىغا بېرىپ يەتكەن ئىدى. شەكسىزكى شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، ئەمما سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر. شۇڭا ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پەخەس بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى بىز شەيتانلارنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق. ئەمما ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان مۇئمىنلەرگە كەلسەك، شەيتانلار ئۇلارنى ئازدۇرالمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ