سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:26

يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنْزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْآتِكُمْ وَرِيشًا ۖ وَلِبَاسُ التَّقْوَىٰ ذَٰلِكَ خَيْرٌ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ

ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن اﷲ نىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى - مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر

تەپسىر

ئەي ئادەم بالىلىرى! ئەۋرەتلىرىڭلارنى يېپىش ئۈچۈن سىلەرگە زۆرۈر بولغان لىباسنى چۈشۈرۈپ بەردۇق، كىشىلەر ئارىسىدا زىننەتلىنىدىغان چىرايلىق كىيىملەرنىمۇ چۈشۈرۈپ بەردۇق. تەقۋادارلىق لىباسى -يەنى ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش- بۇ ماددىي لىباسلاردىن كۆپ ياخشىدۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرنى ئەسلەپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالامەتلەردىندۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ