سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:33
قُلْ إِنَّمَا حَرَّمَ رَبِّيَ الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ وَالْإِثْمَ وَالْبَغْيَ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَأَنْ تُشْرِكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا وَأَنْ تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيىتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، (اﷲ نىڭ شېرىكى بولۇشقا) اﷲ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى اﷲ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى››
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىدىغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قەبىھ گۇناھلارنى ھارام قىلدى. پۈتۈن گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى، كىشىلەرنىڭ جانلىرى، ماللىرى ۋە يۈز-ئابرويلىرىغا ناھەق چېقىلىشنى ھارام قىلدى. ھېچبىر پاكىتسىز ھالەتتە باشقا نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلارنى ھارام قىلدى، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە شەرىئىتىدە بىلمەستىن سۆزلەشنى ھارام قىلدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ