سۈرە 7 · پارە 8
ربنا ظلمنا أنفسنا · سورة الأعراف 7:23
قَالَا رَبَّنَا ظَلَمْنَا أَنْفُسَنَا وَإِنْ لَمْ تَغْفِرْ لَنَا وَتَرْحَمْنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
ئۇلار: پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز›› دېدى
تەپسىر
ئادەم بىلەن ھەۋۋا: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! بىز سەن يېيىشتىن چەكلىگەن دەرەختىن يېيىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق. ئەگەر سەن گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلمىساڭ، ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، ئەلۋەتتە بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى نېسىۋىمىزنى زايە قىلىش ئارقىلىق زىيان تارتقۇچىلاردىن بوپقالىمىز» دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ