سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:24
قَالَ اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
اﷲ ئېيتتى: ‹‹سىلەر بىر - بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر››
تەپسىر
ئاللاھ تائالا ئادەم، ھەۋۋا ۋە ئىبلىسقا: جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈپ كېتىڭلار، چوقۇم بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولىسىلەر. زېمىندا سىلەرنىڭ مەلۇم مۇددەتكىچە تۇرىدىغان ئورنۇڭلار بار، بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە زېمىندىكى نەرسىلەردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ