سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:22
فَدَلَّاهُمَا بِغُرُورٍ ۚ فَلَمَّا ذَاقَا الشَّجَرَةَ بَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِنْ وَرَقِ الْجَنَّةِ ۖ وَنَادَاهُمَا رَبُّهُمَا أَلَمْ أَنْهَكُمَا عَنْ تِلْكُمَا الشَّجَرَةِ وَأَقُلْ لَكُمَا إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمَا عَدُوٌّ مُبِينٌ
ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى. دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا كايىپ): ‹‹مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى (يەنى مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟ ›› دەپ نىدا قىلدى
تەپسىر
ئاندىن ئىبلىس ئۇلارنى ئالدامچىلىق ۋە ھىيلىگەرلىك قىلىش ئارقىلىق ئۇلار تۇرۇۋاتقان مەرتىۋىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئۇلار يېيىش چەكلەنگەن دەرەختىن يېگەندىن كېيىن ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى يېپىش ئۈچۈن جەننەتنىڭ يوپۇرماقلىرىنى ئەۋرەتلىرىگە چاپلاشقا باشلىدى. پەرۋەردىگارى ئۇلارغا: مەن سىلەرنى بۇ دەرەختىن يېيىشتىن چەكلىمىگەنمىدىم، سىلەرگە شەيتان ھەقىقەتەن ئوچۇق-ئاشكارا دۈشمەندۇر دېمىگەنمىدىم؟! دەپ نىدا قىلدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ