سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:195
أَلَهُمْ أَرْجُلٌ يَمْشُونَ بِهَا ۖ أَمْ لَهُمْ أَيْدٍ يَبْطِشُونَ بِهَا ۖ أَمْ لَهُمْ أَعْيُنٌ يُبْصِرُونَ بِهَا ۖ أَمْ لَهُمْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۗ قُلِ ادْعُوا شُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ كِيدُونِ فَلَا تُنْظِرُونِ
ئۇلار (يەنى بۇتلار) نىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ۋە ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «شېرىكلىرىڭلارنى (يەنى بۇتلىرىڭلارنى ماڭا قارشى) چاقىرىڭلار، ئاندىن (قولۇڭلاردىن كېلىشىچە) ماڭا زىيانكەشلىك قىلىڭلار، ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەڭلار (مەن اﷲ قا يۆلەنگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن)
تەپسىر
سىلەر ئىلاھ قىلىۋالغان بۇتلارنىڭ مېڭىپ ھاجىتىنى قامدايدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى سىلەرنى كۈچ بىلەن قوغدايدىغان قولى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ غەيىبنى كۆرۈپ سىلەرگە خەۋەر قىلىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ياكى ئۇلارنىڭ مەخپى ئىشلارنى ئاڭلاپ سىلەرگە يەتكۈزىدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟. ئەگەر بۇتلار بۇلارنى قىلالمىسا، پايدا يەتكۈزۈپ زىياننى دەپئى قىلىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىپ قانداقمۇ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىسىلەر؟!. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار ئاندىن كېيىن ماڭا زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلىتىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ