سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:194
إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ عِبَادٌ أَمْثَالُكُمْ ۖ فَادْعُوهُمْ فَلْيَسْتَجِيبُوا لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلار سىلەرگە ئوخشاش مەخلۇقلاردۇر، (ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارغا دۇئا قىلىپ بېقىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن
تەپسىر
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدۇر، ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولۇشتا سىلەرگە ئوخشاش ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار ئۇلاردىن ئەۋزەلراق، چۈنكى سىلەر ھايات سۆزلىيەلەيسىلەر، ماڭالايسىلەر، ئاڭلىيالايسىلەر ۋە كۆرەلەيسىلەر، بۇتلىرىڭلار بۇنداق ئەمەس، ئەگەر سىلەر داۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇپ باقسۇن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ