سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:193
وَإِنْ تَدْعُوهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ لَا يَتَّبِعُوكُمْ ۚ سَوَاءٌ عَلَيْكُمْ أَدَعَوْتُمُوهُمْ أَمْ أَنْتُمْ صَامِتُونَ
ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى سىلەر قايسى ھالەتتە بولماڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر)
تەپسىر
ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ قىلىۋالغان بۇ بۇتلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭلار ئۇلار سىلەرنىڭ چاقىرىقىڭلارغا ئاۋاز قوشمايدۇ ۋە سىلەرگىمۇ ئەگەشمەيدۇ، سىلەر مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىردۇر، چۈنكى ئۇلار پەقەت جانسىز ۋە ئەقىلسىزدۇر، ئۇلار ئاڭلىيالمايدۇ ۋە سۆزلىيەلمەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ