سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:196
إِنَّ وَلِيِّيَ اللَّهُ الَّذِي نَزَّلَ الْكِتَابَ ۖ وَهُوَ يَتَوَلَّى الصَّالِحِينَ
ھەقىقەتەن كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلغان اﷲ مېنىڭ ئىگەمدۇر، ئۇ ياخشىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ
تەپسىر
ھەقەقەتەن مېنى قوغدايدىغان ئاللاھ مېنىڭ ياردەمچىم ۋە مېنىڭ مەدەتكارىمدۇر، مەن ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن باشقىسىنى ئۈمىد قىلمايمەن، مەن سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. ئاللاھ ماڭا ئاتا قىلغان قۇرئاننى ئىنسانلارغا ھىدايەت قىلىپ چۈشۈردى، ئۇ سالىھ بەندىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئۇلارنى قوغدايدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ