سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:19

وَيَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ فَكُلَا مِنْ حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَٰذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ

‹‹ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن ئىككىڭلار بىللە جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، (ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار) زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر››

تەپسىر

ئاللاھ ئادەمگە ئېيتتى: ئەي ئادەم! سەن ئايالىڭ ھەۋۋا بىلەن جەننەتتە تۇرغىن. جەننەتتىكى پاك نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، ئەمما بۇ دەرەختىن يەپ سالماڭلار. ئەگەر سىلەر مەن چەكلەپ تۇرساممۇ ئۇ دەرەختىن يېسەڭلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەردىن بوپقالىسىلەر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ