سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:20

فَوَسْوَسَ لَهُمَا الشَّيْطَانُ لِيُبْدِيَ لَهُمَا مَا وُورِيَ عَنْهُمَا مِنْ سَوْآتِهِمَا وَقَالَ مَا نَهَاكُمَا رَبُّكُمَا عَنْ هَٰذِهِ الشَّجَرَةِ إِلَّا أَنْ تَكُونَا مَلَكَيْنِ أَوْ تَكُونَا مِنَ الْخَالِدِينَ

لېكىن شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلدى، شەيتان ئېيتتى: ‹‹پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر››

تەپسىر

ئىبلىس ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنىڭ مەلۇم قىسمى ئېچىلىپ قېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ: ئاللاھنىڭ سىلەرنى بۇ دەرەختىن يېيىشنى چەكلىشى پەقەت ئىككىڭلارنىڭ پەرىشتە بوپكېتىشىڭلارنى ۋە جەننەتتە مەڭگۈ تۇرۇپ قېلىشىڭلارنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈندۇر، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ