سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:18

قَالَ اخْرُجْ مِنْهَا مَذْءُومًا مَدْحُورًا ۖ لَمَنْ تَبِعَكَ مِنْهُمْ لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنْكُمْ أَجْمَعِينَ

اﷲ ئېيتتى: ‹‹جەننەتتىن ئەيىبلەنگەن ۋە (رەھمىتىمدىن) مەھرۇم قىلىنغان ھالدا چىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قوشۇپ، ھەممىڭلار بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى تولدۇرىمەن››

تەپسىر

ئاللاھ ئىبلىسقا: ئىبلىس! ئەيىبلەنگەن ۋە رەھمىتىمدىن مەھرۇم قىلىنغان ھالدا جەننەتتىن چىق. قىيامەت كۈنى جەھەننەمنى سەن ۋە سېنىڭ كەينىڭگە كىرىپ ساڭا ئىتائەت قىلغان، ئەمما پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قىلغانلار بىلەن تولدۇرىمەن، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ