سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:17

ثُمَّ لَآتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ ۖ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ

ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن››

تەپسىر

ئاندىن مەن ئۇلارنى ئاخىرەتتىن بەزدۈرۈش ھەمدە دۇنياغا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق، كۆڭۈللىرىگە گۇمان پەيدا قىلىش ۋە ئەيش-ئىشرەتلەرنى چىرايلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ھەر تەرەپتىن كېلىمەن. ئەي پەرۋەردىگارىم! مەن ئۇلارغا كۇپرىنى ۋەسۋەسە قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكنىڭ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ