سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:16
قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ
ئىبلىس ئېيتتى: ‹‹سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن
تەپسىر
ئىبلىس ئېيتتى: سەن مېنى ئازغۇن قىلغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن مەن ئادەمگە سەجدە قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقۇڭنى بەجا كەلتۈرەلمىدىم. ئەمدى مەن قانداق شەكىلدە ئادەم بالىلىرىنىڭ ئاتىسىغا سەجدە قىلىشتىن ئېزىپ كەتكەن بولسام، ئۇلارنىمۇ سېنىڭ توغرا يولۇڭدىن قايتۇرۇپ، ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئۇ يول ئۈستىدە چوقۇم ئولتۇرىمەن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ