سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:188

قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعًا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۚ وَلَوْ كُنْتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لَاسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ ۚ إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ

اﷲ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى ئۆزۈمدىن دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام (دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن) نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان - زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن، شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى - يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ). مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن»

تەپسىر

ئەي مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ئاللاھ خالىمىسا ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، بۇ پەقەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. مەن پەقەت ئاللاھ ماڭا بىلدۇرگەننىلا بېلىمەن، غەيىبنى بىلمەيمەن، ئەگەر غەيىبنى بىلگەن بولسام ئىدىم، بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىشلارنى بىگەنلىكىم ۋە بولىدىغان ئىشلارنى بىلگەنلىكىم سەۋەبلىك ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈپ زىياننى توسۇپ قالالىغان بولاتتىم. مەن پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان، مېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىپ مەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى تەستىقلايدىغان قەۋمگە ئاللاھنىڭ كاتتا مۇكاپاتى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدىغان پەيغەمبەردۇرمەن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ