سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:189

۞ هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَجَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا لِيَسْكُنَ إِلَيْهَا ۖ فَلَمَّا تَغَشَّاهَا حَمَلَتْ حَمْلًا خَفِيفًا فَمَرَّتْ بِهِ ۖ فَلَمَّا أَثْقَلَتْ دَعَوَا اللَّهَ رَبَّهُمَا لَئِنْ آتَيْتَنَا صَالِحًا لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ

ئۇ سىلەرنى بىر جاندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، (ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۇنسى - ئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، خوتۇنىنى (يەنى ھەۋۋانى) ئۇنىڭ ئۆز جىنسىدىن ياراتتى، خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنى يېنىككىنە قورساق كۆتۈرۈپ ئېغىر بوي يۈردى، ئۇ (بالىنىڭ قورساقتا ئۆسۈپ چوڭىيىشى بىلەن) ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، (ئەر - خوتۇن) ئىككىيلەن پەرۋەردىگارى اﷲ قا: «ئەگەر بىزگە (ئەزالىرى) بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، نېمىتىڭگە ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ دۇئا قىلدى

تەپسىر

ئەي ئەر-ئاياللار! ئاللاھ سىلەرنى بىر جاندىن يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ياراتتى، ئادەمدىن ئۇنىڭ خوتۇنى ھەۋۋانى ياراتتى، ئادەمنىڭ ھەۋۋا بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت ئېلىپ خاتىرجەم بولىشى ئۈچۈن ھەۋۋانى ئۇنىڭ قوۋۇرغىسىدىن ياراتتى، ئەر ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن خوتۇنى ھېس قىلمايدىغان دەرىجىدە يېنىككىنە قورساق كۆتۈردى، چۈنكى ئۇ ھامىلە دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىدى، ئايال ئېغىرلىق ھېس قىلماستىن ئۆز ھاجەتلىرىدىن چىقىپ قۇرساق كۆتۈرۈپ يۇردى، ئايالنىڭ قورسىقى يوغىناپ ئايال ئېغىرلاشقاندىن كېيىن ئەر-ئايال ئىككەيلەن پەرۋەردىگارىغا: ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىزگە يارىتىلىشى بىجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ ئەلۋەتتە نېئمەتلىرىڭگە شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولىمىز دەپ دۇئا قىلدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ