سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:187

يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ رَبِّي ۖ لَا يُجَلِّيهَا لِوَقْتِهَا إِلَّا هُوَ ۚ ثَقُلَتْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا تَأْتِيكُمْ إِلَّا بَغْتَةً ۗ يَسْأَلُونَكَ كَأَنَّكَ حَفِيٌّ عَنْهَا ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ اللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (اﷲ) بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ». گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت اﷲ بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەخپىي بولۇشىدىكى سەۋەبنى) بىلمەيدۇ

تەپسىر

ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى ھەققىدە سورايدۇ، ئەي مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى مەنمۇ ۋە مەندىن باشقىلارمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا پەقەت ئاللاھلا مەيدانغا چىقىرىدۇ. قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى ئاسمان- زېمىن ئەھلىگە مەخپىدۇر، ئۇ سىلەرگە پەقەت تۇيۇقسىزلا كېلىدۇ. گويا سەن قىيامەتنى بىلىشكە ناھايىتى ھېرىسمەندەك ئۇ ھەققىدە سەندىن سورىشىدۇ، ئۇلار سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەققىدىكى ئىلمىڭ مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت ھەققىدە سورىمايدىغانلىقىڭنى بىلمەيدۇ. ئەي مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى بىر ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئۇنى بىلمەيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ