سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:172

وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِنْ بَنِي آدَمَ مِنْ ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ ۖ قَالُوا بَلَىٰ ۛ شَهِدْنَا ۛ أَنْ تَقُولُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَٰذَا غَافِلِينَ

ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم باللىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى اﷲ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى، ياكى «ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر

تەپسىر

ئەي مۇھەممەد! بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم باللىرىنىڭ ئۇمۇرتقىلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنى چىقاردى، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلارنىڭ پىترىتىدىكى نەرسىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدۇرۇپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى :«ھە-ئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن» دېدى. ئاللاھ: «سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۆججىتىنى ئىنكار قىلىپ بىز بۇنى بىلمەپتىكەنمىز دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بىز سىلەرنى سىنىدۇق ۋە سىلەردىن ئەھدە ئالدۇق دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ