سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:173
أَوْ تَقُولُوا إِنَّمَا أَشْرَكَ آبَاؤُنَا مِنْ قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِنْ بَعْدِهِمْ ۖ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم باللىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى اﷲ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى، ياكى «ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر
تەپسىر
ياكى سىلەر ئاتا -بوۋىلىرىمىز ئەھدىنى بۇزۇپ ساڭا شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ شېرىكلىرىدە ئۇلارنى دورىغانتۇق دەپ ھۆججەت كەلتۈرمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئى پەرۋەردىگارىمىز!: «ئىلگىرى ساڭا شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەللىرىنى يوق قىلىۋەتكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى جازالامسەن؟ بىز بىلىمسىزلىكىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى دورىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزنىڭ ھېچقانداق گۇناھىمىز يوق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ،( ھەقىقەتەن سىلەرنى سىنىدۇق ۋە سىلەردىن ئەھدە ئالدۇق).
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ