سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:171

۞ وَإِذْ نَتَقْنَا الْجَبَلَ فَوْقَهُمْ كَأَنَّهُ ظُلَّةٌ وَظَنُّوا أَنَّهُ وَاقِعٌ بِهِمْ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ

ئۆز ۋاقتىدا (تۇر) تاغنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق، ئۇلار تاغنى ئۈستىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «تەقۋادارلار قاتارىدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار»

تەپسىر

ئەي مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا بەنى ئىسرائىل تەۋراتنى قۇبۇل قىلىشقا ئۇنىمىغان چاغدا تاغنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تىكلىدۇق، تاغ گويا ئۇلارنىڭ باشلىرىغا سايە تاشلاپ تۇرىدىغان بۇلۇتتەك بولۇپ قالدى، ئۇلار تاغنى ئۈستىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغانلىقىنى ئەسلەتكىن. ئۇلارغا: تەقۋادارلار قاتارىدا بولىشىڭلار ئۈچۈن بىز سىلەرگە بەرگەن نەرسىنى مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئاللاھ يولغا قويغان ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، ئۇنتۇپ قالماڭلار، دېيىلدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ