سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:160

وَقَطَّعْنَاهُمُ اثْنَتَيْ عَشْرَةَ أَسْبَاطًا أُمَمًا ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ إِذِ اسْتَسْقَاهُ قَوْمُهُ أَنِ اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ ۖ فَانْبَجَسَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَشْرَبَهُمْ ۚ وَظَلَّلْنَا عَلَيْهِمُ الْغَمَامَ وَأَنْزَلْنَا عَلَيْهِمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ ۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ

ئۇلار (يەنى ئىسرائىل) نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) جامائەلەر قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن (قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە) 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى): «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار». (ئۇلار بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە زىيان سالغىنى يوق، (ئۆزلىرىنى اﷲ نىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىشلىرى بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم سالدى

تەپسىر

بىز بەنى ئىسرائىلنى ئون ئىككى قەبىلىگە بۆلدۇق، مۇسانىڭ قەۋمى ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلىپ ئاللاھقا دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان چاغدا، مۇساغا: «ئى مۇسا! ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، مۇسا تاشنى ئۇردى، ئۇنىڭدىن ئون ئىككى قەبىلىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ئۇلاردىن ھەربىر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، بىر قەبىلىنىڭ ئورنىغا يەنە بىر قەبىلە شېرىك بولالمايدۇ. بۇلۇتنى ئۇلار ماڭغاندا مېڭىپ، ئۇلار توختىغاندا توختايدىغان ھالەتتە ئۇلارغا سايىۋەن قىلىپ بەردۇق. بىز ئۇلارغا نېئمەتلىرىمىزدىن ھەسەلگە ئوخشاش تاتلىق ئىچىملىكنى، بۆدۈنىگە ئوخشايدىغان گۆشى ئېسىل كىچىك قۇشنى چۈشۈردۇق، ئۇلارغا ئېيتتۇقكى: «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ئېسىللىرىدىن يەڭلار». ئۇلار زۇلۇم نېئمەتكە كۇپۇرلۇق قىلىش ۋە نېئمەتنى ھەقىقى قەدىرلىمەسلىكى سەۋەبلىك بىزگە ھېچقانداق زىيان سالالىغىنى يوق، لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىش، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ھالاكەت ئورۇنلىرىغا كەلگەن چاغدا نېسىۋىلىرىنى كەمەيتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ