سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:159

وَمِنْ قَوْمِ مُوسَىٰ أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِالْحَقِّ وَبِهِ يَعْدِلُونَ

مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ) ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار

تەپسىر

مۇسانىڭ قەۋمى ئىچىدە يەنى بەنى ئىسرائىل ئىچىدە ھەق ئۈستىدە تۇرىۋاتقان بىر جامائەت بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرنى توغرا دىنغا باشلايدۇ، ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، زۇلۇم قىلمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ