سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:158
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ جَمِيعًا الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ النَّبِيِّ الْأُمِّيِّ الَّذِي يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَكَلِمَاتِهِ وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا اﷲ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، اﷲ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، اﷲ قا ۋە اﷲ نىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۈممى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار»
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تېرىلدۈرىدۇ، تىرىكلەرنى ئۆلتۇرىدۇ. ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا ۋە ئوقۇش يېزىشنى بىلمەيدىغان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئۇ پەقەت پەرۋەردىگارى ۋەھىي قىلغان ۋەھىينى ئېلىپ كەلدى، ئۇ ئاللاھقا ئىيمان كەلتۈرىدۇ، ئۇ ئۆزىگە ۋە ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان نەرسىلەرنى ئايرىماستىن ئىشىنىدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك نەرسىلەرگە ئىرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەردە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ