سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:157

الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الْأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِنْدَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ يَأْمُرُهُمْ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالْأَغْلَالَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ ۚ فَالَّذِينَ آمَنُوا بِهِ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَاتَّبَعُوا النُّورَ الَّذِي أُنْزِلَ مَعَهُ ۙ أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ

ئۇلار ئەلچىگە - ئۈممى پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا - كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر

تەپسىر

ئۇلار مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىدۇ، ئۇ ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان ئۇممى پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭغا پەقەت پەرۋەردىگارى ۋەھىي قىلىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمى، سۈپەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نەرسىلەرنى مۇساغا نازىل قىلىنغان تەۋراتتا، ئىساغا نازىل قىلىنغان ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى تاپىدۇ. ئۇ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن چەكلەيدۇ، ئۇلارغا زىيىنى بولمىغان يېمەكلىك، ئىچىملىك ۋە نىكاھلىنىشلاردىن ئىبارەت ھۇزۇر-ھالاۋەتلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، مەيلى قەستەن ئۆلتۈرگەن ياكى خاتالىشىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسۇن قاتىلنى ئۆلتۇرۇشنىڭ ۋاجىپلىقىغا ئوخشاش ئۇلار بۇيرۇلغان ئېغىر بۇيرۇقلار ئۇلاردىن يىنىكلىتىلدى. بەنى ئىسرائىل ۋە ئۇلاردىن باشقا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، تاجاۋۇزچى كاپىرلارغا قارشى ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان يېتەكچى نۇرغا ئوخشاش قۇرئانغا ئەگەشكەنلەر، تەلىپىگە ئىرىشىپ، ئەنسىرىگىنىدىن ئامان بولۇپ نىجات تاپقۇچىلاردۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ