سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:156

۞ وَاكْتُبْ لَنَا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ إِنَّا هُدْنَا إِلَيْكَ ۚ قَالَ عَذَابِي أُصِيبُ بِهِ مَنْ أَشَاءُ ۖ وَرَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ ۚ فَسَأَكْتُبُهَا لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالَّذِينَ هُمْ بِآيَاتِنَا يُؤْمِنُونَ

بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. اﷲ ئېيتتى: «ئازابىم بىلەن (بەندىلىرىمدىن) خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، (ماللىرىنىڭ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن»

تەپسىر

سەن بىزنى بۇ دۇنيادا نېئمەت ۋە خاتىرجەملىك بىلەن ھۆرمەتلىك قىلغان، ياخشى ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلغان، سەن ئاخىرەتتە جەننەتنى تەييارلىغان سالىھ بەندىلىرىڭنىڭ جۈملىسىدىن قىلغىن. بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق، كەمچىلىكىمىزنى ئىقرار قىلىپ سەن تەرەپكە قايتتۇق. ئاللاھ ئېيتتى: ئازابىم بىلەن بەختسىزلىككە سەۋەب قىلغان ئادەملەردىن خالىغان ئادەمنى ئازاپلايمەن. مېنىڭ رەھمىتىم دۇنيادا ھەممە نەرسىگە ئورتاقتۇر، رەھمىتىم يەتمىگەن ۋە پەزلى-ئېھسانىمغا ئېرىشمىگەن بىرمۇ مەخلۇق يوق. مەن ئاخىرەتتىكى رەھمىتىمنى، بۇيرۇقلىرىمنى ئىجرا قىلىش، چەكلىمىلىرىمدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارغا، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى ھەقلىق ئادەملەرگە بەرگەنلەرگە، ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ