سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:155
وَاخْتَارَ مُوسَىٰ قَوْمَهُ سَبْعِينَ رَجُلًا لِمِيقَاتِنَا ۖ فَلَمَّا أَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ قَالَ رَبِّ لَوْ شِئْتَ أَهْلَكْتَهُمْ مِنْ قَبْلُ وَإِيَّايَ ۖ أَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ السُّفَهَاءُ مِنَّا ۖ إِنْ هِيَ إِلَّا فِتْنَتُكَ تُضِلُّ بِهَا مَنْ تَشَاءُ وَتَهْدِي مَنْ تَشَاءُ ۖ أَنْتَ وَلِيُّنَا فَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۖ وَأَنْتَ خَيْرُ الْغَافِرِينَ
مۇسا، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىدىن 70 كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلارغا زىلزىلە يۈزلەنگەندە، مۇسا: «پەرۋەردىگارىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر، شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى ئازدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن. سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن
تەپسىر
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئىچىدىكى بەزى جاھىل كىشىلەر موزايغا ئىبادەت قىلىپ قويغانلىقتىن پەرۋەردىگارىغا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن قەۋمىنىڭ ئىچىدىن ياخشى دەپ قاراكغان يەتمىش ئادەمنى تاللىدى. ئاللاھ ئۇلارغا كېلىدىغان ئورۇننى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ئۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ زاتى ئىلاھىدىن تەلەپ قىلىنمايدىغان ئىشنى سوراپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاللاھنى كۆرسۈتىشىنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا زەلزەلە(يەنى يەر تەۋرەش) يۈزلەندى، ئۇلار ئۇنىڭ قورقۇنچىسىدىن ھۇشىدىن كەتتى ۋە ھالاك بولدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا يالۋۇرۇپ: ئى پەرۋەردىگارىم! ئەگەر سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلار كېلىشتىن ئىلگىرى مېنى ھالاك قىلىشنى خالىغان بولساڭ ھالاك قىلاتتىڭ، ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن،؟ قەۋمىمنىڭ موزايغا ئىبادەت قىلىشى پەقەت سىناق بولۇپ ئۇ ئارقىلىق سەن خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىسەن ۋە خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئىگە بولغۇچىسەن، بىزنىڭ گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، كەڭرى رەھمىتىڭ ئارقىلىق بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن گۇناھنى ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن ۋە ئەڭ ياخشى كەچۈرگۈچىسەن، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ