سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:154
وَلَمَّا سَكَتَ عَنْ مُوسَى الْغَضَبُ أَخَذَ الْأَلْوَاحَ ۖ وَفِي نُسْخَتِهَا هُدًى وَرَحْمَةٌ لِلَّذِينَ هُمْ لِرَبِّهِمْ يَرْهَبُونَ
مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردە ياتقان تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ يېزىلغان ئىدى
تەپسىر
مۇسا ئەلەيھىسسالام غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن ئاچچىقلىغانلىقى ئۈچۈن تاشلىۋەتكەن تاختايلارنى ئالدى، بۇ تاختايلار ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەت تېپىش ۋە ھەقىقەتنى بايان قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ جازاسىدىن ئەندىشىلەنگەن، پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورۇققان كىشىلەر ئۈچۈن رەھمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ