سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:153
وَالَّذِينَ عَمِلُوا السَّيِّئَاتِ ثُمَّ تَابُوا مِنْ بَعْدِهَا وَآمَنُوا إِنَّ رَبَّكَ مِنْ بَعْدِهَا لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمانىدا سەمىمىي بولغانلارنى تەۋبىسىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا) رەھىم قىلىدۇ
تەپسىر
شېرىك ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئىبارەت يامان ئەمەللەرنى قىلىپ قويۇپ، ئىمان ئېيتىپ ۋە گۇناھ -مەئسىيەتلەردىن چەكلىنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەۋبە قىلغانلارنى، يەنى بۇ تەۋبىدىن كىيىن شېرىكتىن ئىمانغا، گۇناھ-مەئسىيەتتىن تائەت -ئىبادەتكە قايتقانلارنى پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى يېپىش ۋە كەچۈرۈش قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ