سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:152

إِنَّ الَّذِينَ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ سَيَنَالُهُمْ غَضَبٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَذِلَّةٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُفْتَرِينَ

شۈبھىسىزكى موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، (اﷲ قا) بوھتان قىلغۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز

تەپسىر

شۈبھىسىزكى، موزاينى ئىبادەت قىلىدىغان ئىلاھ قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنى غەزەپلەندۈرگەنلىكى ۋە مەنسىتمىگەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنىڭ ئېغىر غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغۇچىلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ