سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:151
قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِأَخِي وَأَدْخِلْنَا فِي رَحْمَتِكَ ۖ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»
تەپسىر
مۇسا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە قېرىندىشىم ھارۇنغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، رەھمىتىڭ بىزنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۇرىدىغان قىلغىن. ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن بىزگە ھەرقانداق رەھىم قىلغۇچىدىنمۇ رەھىم قىلغۇچىدۇرسەن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ