سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:150

وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا قَالَ بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِي مِنْ بَعْدِي ۖ أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ ۖ وَأَلْقَى الْأَلْوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأْسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُ إِلَيْهِ ۚ قَالَ ابْنَ أُمَّ إِنَّ الْقَوْمَ اسْتَضْعَفُونِي وَكَادُوا يَقْتُلُونَنِي فَلَا تُشْمِتْ بِيَ الْأَعْدَاءَ وَلَا تَجْعَلْنِي مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ

مۇسا غەزەپلەنگەن، غەمكىن ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار - ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلار نىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە تەپەررۇج قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»

تەپسىر

مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن مۇناجاتلىشىپ قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتقاندا، ئۇلارنىڭ موزايغا ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە غەمگە چۆككەن ھالدا قەۋمىگە: ئى قەۋمىم! مەن كەتكەندىن كېيىن سىلەر نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار-ھە! چۈنكى ئۇ قىلمىشىڭلار ھالاكەت ۋە بەخىتسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ، سىلەر مېنى كۈتۈپ تۇرۇشتىن زېرىكىپ موزايغا ئىبادەت قىلدىڭلارمۇ؟! دېدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام قاتتىق قايغۇرغان ۋە غەزەپلەنگەنلىكتىن تاختايلارنى ئاتتى. قېرىندىشى ھارۇننىڭ ئۇلارنىڭ موزايغا ئىبادەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇلارنى چەكلىمىگەنلىكى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ چېچى ۋە ساقىلىدىن تۇتۇپ ئۆزى تەرەپكە تارتتى. ھارۇن مۇساغا ئۇنىڭ كۆيۈنۈشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆزرە ئېيتقان ھالدا مۇنداق دېدى: ئى قېرىندىشىم قەۋم ھەقىقەتەن مېنى ئاجىز دەپ ئويلاپ بوزەك قىلدى، ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۋەتكىلى تاس قالدى، مېنى دۈشمەنلىرىمنى خۇشال قىلىدىغان جازا بىلەن جازالىمىغىن. ماڭا غەزەپلەنگەنلىكىڭ سەۋەبلىك مېنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى قەۋىمنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىمىغىن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ