سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:149
وَلَمَّا سُقِطَ فِي أَيْدِيهِمْ وَرَأَوْا أَنَّهُمْ قَدْ ضَلُّوا قَالُوا لَئِنْ لَمْ يَرْحَمْنَا رَبُّنَا وَيَغْفِرْ لَنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
ئۇلار (موزايغا چوقۇنغانلىقلىرىغا) پۇشايمان قىلغان ۋە راست ئازغانلىقلىرىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى
تەپسىر
ئۇلار مۇزاينى مەبۇد قىلىۋېلىش ئارقىلىق توغرا يولدىن ئازغانلىقىنى بىلگەن چاغدا تىڭىرقاپ ۋە پۇشايمان قىلىپ: ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزنى تائەتكە مۇۋەپپەق قىلىش ئارقىلىق بىزگە رەھىم قىلمىغان بولسا ۋە ئىلگىرىكى موزايغا ئىبادەت قىلغانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلمىغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالاتتۇق، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ