سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:148

وَاتَّخَذَ قَوْمُ مُوسَىٰ مِنْ بَعْدِهِ مِنْ حُلِيِّهِمْ عِجْلًا جَسَدًا لَهُ خُوَارٌ ۚ أَلَمْ يَرَوْا أَنَّهُ لَا يُكَلِّمُهُمْ وَلَا يَهْدِيهِمْ سَبِيلًا ۘ اتَّخَذُوهُ وَكَانُوا ظَالِمِينَ

مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن (يەنى مۇسا پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن)، زىننەت بۇيۇملرىدىن موزايدەك ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر جانسىز موزاي ياسىدى. ئۇلار موزاينىڭ ئۆزلىرىگە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋالدى، ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچى بولدى

تەپسىر

مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن مۇناجاتلىشىش ئۈچۈن كەتكىنىدىن كېيىن مۇسانىڭ قەۋمى زىننەت بۇيۇملىرىدىن جانسىز ئەمما مۆرەيدىغان موزاينىڭ ھەيكىلىنى ياساپ چىقتى. ئۇلار بۇ موزاينىڭ ئۆزلىرىگە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، ھىسسىي ياكى مەنىۋىي ياخشىلىق يوللىرىغا يىتەكلىيەلمەيدىغانلىقىنى، ھېچقانداق پايدا ياكى زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟. ئۇلار موزاينى ئۆزلىرىگە مەبۇد قىلىۋېلىش سەۋەبلىك ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ