سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:147

وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَلِقَاءِ الْآخِرَةِ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە اﷲ قا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى (ئىمانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ

تەپسىر

پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، قىيامەت كۈنى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ تائەت-ئىبادەت تۈرىدىكى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئىمانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ساۋاپ بېرىلمەيدۇ، ئۇلارغا قىيامەت كۈنى پەقەت كۇپۇرلىقى ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكىگە كۆرە جازا بېرىلىدۇ، بۇنىڭ جازاسى دەۋزەختە مەڭگۈ قېلىشتۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ