سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:146
سَأَصْرِفُ عَنْ آيَاتِيَ الَّذِينَ يَتَكَبَّرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَإِنْ يَرَوْا كُلَّ آيَةٍ لَا يُؤْمِنُوا بِهَا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الرُّشْدِ لَا يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الْغَيِّ يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى پەھىم قىلدۇرمايمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى
تەپسىر
ئاللاھ: ھەقىقەتكە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان بەندىلىرىمنى جانلىقلار ۋە ئۇپۇقلاردىكى مۆجىزىلىرىمدىن ئىبرەت ئالدۇرمايمەن ۋە كىتابىمنىڭ ئايەتلىرىنى چۈشنىشكە نېسىپ قىلمايمەن دېدى. ئەگەر ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرسىمۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەنلىكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يەتكۈزۈدىغان ھەق يولنى كۆرسىمۇ ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ ۋە قىزىقمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئېلىپ بارىدىغان ئازغۇنلۇق ۋە گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاللاھنىڭ بۈيۈك مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىشتىن غەپلەتتە قالغانلىقلىرى تۈپەيلى ئۇ مۇسىبەتلەرگە ئۇچرىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ