سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:145
وَكَتَبْنَا لَهُ فِي الْأَلْوَاحِ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ مَوْعِظَةً وَتَفْصِيلًا لِكُلِّ شَيْءٍ فَخُذْهَا بِقُوَّةٍ وَأْمُرْ قَوْمَكَ يَأْخُذُوا بِأَحْسَنِهَا ۚ سَأُرِيكُمْ دَارَ الْفَاسِقِينَ
بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا (ئىسرائىل ئەۋلادى دىنىدا موھتاج بولغان) ۋەز - نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن
تەپسىر
بىز مۇساغا ياغاچ ياكى باشقا تاختىلارغا ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنى، ۋەز-نەسىھەت قۇبۇل قىلىدىغان كىشى ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەتنى ۋە تەپسىلاتىغا ئېھتىياجى چۈشىدىغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى كونكىرت قىلىپ يېزىپ بەردۇق. ئى مۇسا! تەۋراتنى مەھكەم تۇتقىن. بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى سەۋىر قىلىش ۋە ئەپۇ قىلىشقا ئوخشاش مۇكاپاتى كاتتا گۈزەل ئىشلارنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىشقا بۇيرىغىن. بۇيرۇقىمغا قارشى چىققان، ماڭا ئىتائەتسىزلىك قىلغان ئادەمنىڭ ئاقىۋېتىنى، شۇنداقلا ئۇ دۇچ كەلگەن ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىقنى سىلەرگە كۆرسىتىمەن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ