سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:144
قَالَ يَا مُوسَىٰ إِنِّي اصْطَفَيْتُكَ عَلَى النَّاسِ بِرِسَالَاتِي وَبِكَلَامِي فَخُذْ مَا آتَيْتُكَ وَكُنْ مِنَ الشَّاكِرِينَ
اﷲ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم، ساڭا مەن ئاتا قىلغن پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن»
تەپسىر
ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە تاللاپ ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىم، مەن بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىشكە تاللىدىم، مەن ساڭا ئاتا قىلغان بۇ بۈيۈك شەرەپنى قۇبۇل قىلغىن، بۇ بۈيۈك شەرەپكە نائىل بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ماڭا شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولغىن، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ