سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:143
وَلَمَّا جَاءَ مُوسَىٰ لِمِيقَاتِنَا وَكَلَّمَهُ رَبُّهُ قَالَ رَبِّ أَرِنِي أَنْظُرْ إِلَيْكَ ۚ قَالَ لَنْ تَرَانِي وَلَٰكِنِ انْظُرْ إِلَى الْجَبَلِ فَإِنِ اسْتَقَرَّ مَكَانَهُ فَسَوْفَ تَرَانِي ۚ فَلَمَّا تَجَلَّىٰ رَبُّهُ لِلْجَبَلِ جَعَلَهُ دَكًّا وَخَرَّ مُوسَىٰ صَعِقًا ۚ فَلَمَّا أَفَاقَ قَالَ سُبْحَانَكَ تُبْتُ إِلَيْكَ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُؤْمِنِينَ
مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆ قىلغان چاغدا: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈپ ئالاي» دېدى. اﷲ: «مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ). لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا تەجەللى قىلىش بىلەن، تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: «(پەرۋەرىگارىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەۋۋىلىمەن» دېدى
تەپسىر
مۇسا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارى بىلەن مۇناجاتلىشىش ئۈچۈن كەلگەندە ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا بۇيرۇق -چەكلىمىلەر ھەققىدە بىۋاستە سۆز قىلغان چاغدا، مۇسانىڭ نەپسى پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇپ پەرۋەردىگارىدىن ماڭا ئۆزەڭنى كۆرسەتكىن دەپ سورىدى، پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: سېنىڭ مېنى كۆرۈش قۇدرىتىڭ يوق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا مېنى ھەرگىز كۆرەلمەيسەن، لېكىن مەن تاغقا تەجەللى قىلغان ۋاقتىمدا تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ كۇكۇم-تالقان بولماستىن ئۆز ئورنىدا تۇرالىسا مېنى كۆرەلەيسەن، ئەگەر تاغ تۈپتۈز بولۇپ كەتسە مېنى بۇ دۇنيادا ھەرگىز كۆرەلمەيسەن دېدى. ئاللاھ تائالا تاغقا تەجەللى قىلغان ئىدى، تاغ تەپ-تۈز بولۇپ كەتتى. مۇسا بىھۇش بولۇپ يېقىلدى، مۇسا ھۇشىغا كەلگەن چاغدا: ئى پەرۋەردىگارىم! سەن نالايىق نەرسىلەردىن پاكتۇرسەن، مەن دۇنيادا سېنى كۆرۈشتىن ئىبارەت سەندىن سورىغان نەرسىلەردىن ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن قەۋمىم ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋۋال ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانمەن، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ