سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:142
۞ وَوَاعَدْنَا مُوسَىٰ ثَلَاثِينَ لَيْلَةً وَأَتْمَمْنَاهَا بِعَشْرٍ فَتَمَّ مِيقَاتُ رَبِّهِ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ۚ وَقَالَ مُوسَىٰ لِأَخِيهِ هَارُونَ اخْلُفْنِي فِي قَوْمِي وَأَصْلِحْ وَلَا تَتَّبِعْ سَبِيلَ الْمُفْسِدِينَ
مۇسا (بىزگە مۇناجات قىلىشقا) ئوتتۇز كېچىنى ۋەدە قىلدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى 40 كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى
تەپسىر
ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇساغا مۇناجات قىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇز كېچىنى ۋەدە قىلدى، ئاندىن يەنە ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون كېچىنى قوشۇپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن قىرىق كېچە بولدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن مۇناجاتلىشىش ئۈچۈن بارماقچى بولغان چاغدا قېرىندىشى ھارۇنغا: ئى ھارۇن! قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇن باسارىم بولۇپ تۇرغىن، ياخشى سىياسەت يۈرگۈزۈش ۋە كۆيۈنۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئىسلاھ قىلغىن، گۇناھ -مەئسىيەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن، ئاسىيلارغا ياردەمچى بولمىغىن، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ