سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:141

وَإِذْ أَنْجَيْنَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ ۖ يُقَتِّلُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ

ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، ئاياللىرىڭلارنى (خورلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى، بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى

تەپسىر

ئى بەنى ئىسرائىل! ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار، ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى پىرئەۋن ۋە قەۋمىنىڭ خارلىشىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە ئوغۇل بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۇرۇش، ئاياللىرىڭلارنى خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت تۈرلۈك خارلىقنى تېتىتاتتى. سىلەرنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزۇشتا شۈكرى قىلىشىڭلارنى تەقەززا قىلىدىغان پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپتىن زور سىناق مەۋجۇتتۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ