سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:140

قَالَ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِيكُمْ إِلَٰهًا وَهُوَ فَضَّلَكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ

مۇسا: «اﷲ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟» دېدى

تەپسىر

مۇسا قەۋمىگە: ئى قەۋمىم! سىلەر ئاللاھنىڭ بۈيۈك مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن تۇرساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىش، سىلەرنى زېمىندا ئورۇن باسار قىلىش ۋە كۈچلەندۇرۇشتىن ئىبارەت نېئمەتلىرى ئارقىلىق زامانىڭلاردىكى جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم ؟!، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ