سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:161

وَإِذْ قِيلَ لَهُمُ اسْكُنُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ وَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ وَقُولُوا حِطَّةٌ وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا نَغْفِرْ لَكُمْ خَطِيئَاتِكُمْ ۚ سَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ

ئۆز ۋاقتىدا (بىز ئۇلارغا) (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دە تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى اﷲ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دەڭلار، جىمى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) زىيادە بېرىمىز» دېدۇق

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! ئەسلىگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا: بەيتۇلمۇقەددەسكە كىرىڭلار، ئۇنىڭ كەنىتلىرىنىڭ مېۋىلىرىدىن قايسى ئورۇندا قاچان خالىساڭلار يەڭلار دېدى. ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن خاتالىقلىرىمىزنى ئۆچۈرگىن دەڭلار، ئىشىكتىن پەرۋەردىگارىڭلارغا بويسۇنۇپ رۇكۇ قىلغان ھالدا كىرىڭلار، ئەگەر ئاشۇنداق قىلساڭلار گۇناھىڭلارنى كەچۈرىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىنى زىيادە قىلىپ بېرىمىز، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ