سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:134

وَلَمَّا وَقَعَ عَلَيْهِمُ الرِّجْزُ قَالُوا يَا مُوسَى ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ ۖ لَئِنْ كَشَفْتَ عَنَّا الرِّجْزَ لَنُؤْمِنَنَّ لَكَ وَلَنُرْسِلَنَّ مَعَكَ بَنِي إِسْرَائِيلَ

ئۇلارغا بالا نازىل بولغاندا، ئۇلار: «ئى مۇسا! پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدى بىلەن (يەنى ساڭا بەرگەن پەيغەمنبەرلىكنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتى بىلەن بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكە) دۇئا قىلساڭ، اﷲ قا قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى

تەپسىر

ئۇلارغا بۇ ئازابلار يەتكەن چاغدا ئۇلار مۇسانىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ئى مۇسا! تەۋبە قىلسا ئازاپنى كۆتۈرۋېتىشتىن ئىبارەت ساڭا ۋەدە قىلىنغان نەرسە بىلەن بىز ئۇچرىغان ئازابنى بىزدىن كۆتۈرۋېتىشكە پەيغەمبەرلىكىڭ بىلەن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن، ئەگەر سەن بىزدىن بۇ ئازابنى كۆتۈرۋەتسەڭ بىز ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقوم سەن بىلەن بىرگە قويىۋېتىمىز، دېگەن ئىدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ