سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:133
فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الطُّوفَانَ وَالْجَرَادَ وَالْقُمَّلَ وَالضَّفَادِعَ وَالدَّمَ آيَاتٍ مُفَصَّلَاتٍ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُجْرِمِينَ
ئۇلارغا سۇ ئاپىتى، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (اﷲ قا ئىمان ئېيتىشقا) ئۇلارنىڭ گەدەنكەشلىكى يول قويمىدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولدى
تەپسىر
ئۇلار ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ سەركەشلىك قىلغانلىقىغا قارىتا جازالاش ئۈچۈن بىز ئۇلارغا نۇرغۇن سۇنى ئەۋەتتۇق، سۇ ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى ۋە مېۋىلىرىنى ۋەيران قىلدى. بىز ئۇلارغا چىكەتكىنى ئەۋەتتۇق، چىكەتكە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يىدى. بىز ئۇلارغا زىرائەتلەرگە ياكى چاچ ئارىسىغا يەرلىشىپ ئىنسانغا زىيان يەتكۈزىدىغان پىتنى ئەۋەتتۇق. بىز ئۇلارغا پاقىلارنى ئەۋەتتۇق، پاقىلار ئۇلارنىڭ قاچىلىرىنى توشقۇزۇپ يېمەكلىكلىرىنى بۇزىۋەتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزىۋەتتى. بىز ئۇلارغا قاننى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ قۇدۇقلىرى ۋە دەريالىرىنىڭ سۈيلىرى قانغا ئۆزگۈرۈپ كەتتى، بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئايرىم-ئايرىم ئارقا-ئارقىدىن روشەن مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق. بۇ جازالار ئۇلارغا يەتكەن بولسىمۇ ئۇلار ئاللاھقا ئىيمان ئېيتىشتىن، مۇسا ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى تەستىقلاشتىن چوڭچىلىق قىلدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولۇپ باتىلدىن يىراق تۇرمايتتى، ھىدايەت يولىغا ماڭمايتتى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ