سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:132
وَقَالُوا مَهْمَا تَأْتِنَا بِهِ مِنْ آيَةٍ لِتَسْحَرَنَا بِهَا فَمَا نَحْنُ لَكَ بِمُؤْمِنِينَ
ئۇلار (يەنى پىرئەۋن قەۋمى): «كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى
تەپسىر
پىرئەۋن قەۋمى ھەقىقەتكە بويۇنتاۋلىق قىلىپ مۇساغا: بىزنى دىنىمىزدىن چەكلەش ئۈچۈن دىنىمىزنىڭ باتىللىقىغا ۋە ئۆزۈڭ ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىغا، ھەرقانداق مۆجىزە ۋە دەلىل كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ