سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:131

فَإِذَا جَاءَتْهُمُ الْحَسَنَةُ قَالُوا لَنَا هَٰذِهِ ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَطَّيَّرُوا بِمُوسَىٰ وَمَنْ مَعَهُ ۗ أَلَا إِنَّمَا طَائِرُهُمْ عِنْدَ اللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

ئۇلار ئەگەر (پاراۋانلىق - مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى، دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق (مۇسانىڭ شۇملۇقىدىن ئەمەس) اﷲ نىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى (يەنى ئۇلارغا كەلگەن بالا - قازانىڭ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلى اﷲ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى ئۇقمايدۇ

تەپسىر

ئەگەر ئۇلارغا مولچىلىق بولۇپ، مېۋە-چىۋىلەر كۆپلەپ ھوسۇل ئىلىنىپ، بازار ئەرزانچىلىق بولسا ئۇلار: بىز بۇنىڭغا ھەقلىق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە ئۇ نەرسىلەر بىزگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن بىزگە بېرىلدى، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا قۇرغاقچىلىق، قەھەتچىلىك، كېسەللىكنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر مۇسىيبەت يەتسە، ئۇلار مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان بەنى ئىسرائىلنىڭ شۇملىقىدىن كەلدى دەيدۇ. ھەقىقەت شۇكى ئۇلارغا يەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن كەلگەندۇر. مۇسانىڭ ئۇلارغا بەددۇئا قىلغىنىدىن باشقا مۇسا ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ بۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ، شۇڭا بۇ ئىشلارنى ئاللاھتىن باشقىغا نىسبەت بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ