سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:130

وَلَقَدْ أَخَذْنَا آلَ فِرْعَوْنَ بِالسِّنِينَ وَنَقْصٍ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ

اﷲ قا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق

تەپسىر

ھەقىقەتەن بىز پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى قەھەتچىلىك ۋە ئاچارچىلىق بىلەن جازالىدۇق، زېمىندىن چىققان مېۋىلىرىنى ۋە مېۋىلەردىن كىلىدىغان كېرىمنى كەمەيتىش بىلەن سېنىدۇق. ئۇلارنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى سەۋەبلىك بۇ ئىشلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئازاب ئىكەنلىكىنى بېلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى ئۈمىد قىلىندى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ